نىگېرىيەدە بوكو ھارامنىڭ 39 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

نىگېرىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا بوكو ھارامنىڭ 39 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

2031891
نىگېرىيەدە بوكو ھارامنىڭ 39 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ھەرىكەتلىرى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئېدۋارد بۇبانىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بوكو ھارامنىڭ 39 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن، 159 ئەزاسى قولغا چۈشكەن، كۆپ ساندىكى ئەزالىرى يارىدار ھالەتتە قېچىپ كەتكەن، تېررورچىلارغا تەۋە زور مىقداردىكى ئوق-دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن؛ تېررورچىلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان 34 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر