ئىسپانىيەدە  2.2 كىلوگىراملىق بىر پارچە پىشلاق 30 مىڭ ياۋروغا سېتىلدى

ئىسپانىيە ئەڭ قىممەت پىشلاقتا، دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

2031206
ئىسپانىيەدە  2.2 كىلوگىراملىق بىر پارچە پىشلاق 30 مىڭ ياۋروغا سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىسپانىيەنىڭ كابرالېس كۆك پىشلىقىنىڭ 2.2 كىلوگىراملىق بىر پارچىسى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا 30 مىڭ ياۋروغا سېتىلدى.

شۇنداق قىلىپ، «دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت پىشلاق» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى.

بۇ پىشلاقنى ياسىغان گىلېرمو پەنداسنىڭ ئانىسى روزا ۋادا 1400 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر ئۆڭكۈردە پىشلاقنىڭ 7 سېلسىيە گرادۇسلۇق ئىسسىقلىقتا پىشقانلىقىنى ۋە بۇ يەردە كەم دېگەندە سەككىز ئاي تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ پىشلاق ئاستۇرىئاستىكى «ئېللاگار دە كوللوتو» نىڭ خوجايىنى رېستورانچى ئىۋان سۇئارېزغا سېتىلدى.

كابرالېس كۆك پىشلىقىنىڭ نورمال كىلوسىنىڭ باھاسى 35 ياۋرودىن 40 ياۋروغىچە تېپىلىدۇ.

بۇ پىشلاق خام كالا سۈتى ياكى كالا، قوي ۋە ئۆچكە سۈتىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسىلىدۇ. پىكوس دې ياۋروپا دۆلەت باغچىسىغا تەۋە كابرالېس رايونىدىكى ئۆڭكۈرلەردە پىشۇرۇلىدۇ.

ئىۋان سۇئارېز سېتىۋالغان پىشلاقنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك جىننېس دۇنيا رېكورتىغا ئېرىشكەن باھاسى 2019-يىلى 20 مىڭ 500 ياۋرو  بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر