پولشادا لېجيونېللا باكتېرىيەسى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

پولشادا ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان لېجيونېللا باكتېرىيەسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 16 گە يەتتى.

2031141
پولشادا لېجيونېللا باكتېرىيەسى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رېززوۋ شەھىرىدە لېجيونېللا باكتېرىيەسى يۇقۇمىغا قارىتا تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.

رېززوۋ سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جارامىر سلاكزىكا جېنىدىن ئايرىلغان 16 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دائىرىلەرنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، لېجيونېللا باكتېرىيەسى سەۋەبىدىن جەمئىي 16 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

مەملىكەت مىقياسىدا لېجيونېللا باكتېرىيەسى يۇقۇمىدىن كېيىن، كەم دېگەندە 155 كىشى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان.

زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشلىنىپ، ئۆپكە ياللۇغىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان لېجيونېللا كېسىلى داۋالانمىسا، نەپەس يېشمەشمەسلىك ۋە كۆپ خىل ئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆلۈمگە يول ئاچىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر