گابوندا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى

نىگېردىن كېيىن، بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى گابوندا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى.

2030796
گابوندا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر توپ ئەسكەر دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئەسكەرلەر، سايلامنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، بارلىق چېگرالارنىڭ قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىنغۇچە تاقالغانلىقىنى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسيەسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئەسكەرلەر بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن، 2023- يىلى 30- ئاۋغۇست، ئورگانلارنىڭ ئۆتكۈنچى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، گابون خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئورگانلارنى قوغداشنىڭ كاپالەتچىسى بولۇپ، تىنچلىقنى قوغداشنى قارار قىلدۇق. ھازىرقى ھاكىمىيەتكە خاتىمە بەردۇق» دېدى.

گابون سايلام مەركىزى ھازىرقى پىرېزىدېنت ئەلى بونگونىڭ %64.27 بېلەت بىلەن ئۈچىنچى قېتىم سايلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتىن كېيىن، پايتەخت لىبرېۋىلدا مىلتىق ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلىنىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر