تاجىكىستاندا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، 13 ئادەم قازا قىلدى

تاجىكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تاجىكسىتاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياغقان شىددەتلىك يامغۇردا 13 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2029904
تاجىكىستاندا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، 13 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن ياغقان شىددەتلىك يامغۇردا ۋاھدات شەھىرىدە 11، رۇداكى رايونىدا ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «پىرېزىدېنت ئىمامئەلى راھمان قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-غتاۋابىئاتلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، پىرېزىدېنت ئىمام ئەلى راھماننىڭ باش مىنىستىر، جىددىي ئىشلار ۋە خەلق مۇداپىئە كومىتېتى ھەمدە باشقا ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىغا ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەتنىڭ ئورنىنى ئىمكانقەدەر تېز تولدۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر