شىۋىيېتسارىيەدە شىددەتلىك ھۆل - يېغىن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى

شىۋىيېتسارىيەنىڭ تىچىنو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلىرىدىكى شىددەتلىك ھۆل - يېغىن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش خەۋپى پەيدا قىلدى.

2029763
شىۋىيېتسارىيەدە شىددەتلىك ھۆل - يېغىن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىددەتلىك ھۆل - يېغىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تىچىنونىڭ شىمالىدا تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش خەۋپى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدە مەزكۇر رايوندا ھەر كىۋادرات مېتىرغا 280 مىللىمېتىردىن ئارتۇق يامغۇر ياغدى.

مالۋاگلىيا يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن بىر يولغا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.

بىئاسكا، لوكارنو ۋە ۋالماگگىيا رايونلىرىمۇ قاتتىق بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى؛ رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەخمىنەن 50 نەپەر ئوت ئۆچۈرگۈچى، تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش خەۋپىگە قارشى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

گرائۇبۇندېن ۋە گلارۇس قاتارلىق جايلاردىمۇ شىددەتلىك ھۆل - يېغىننىڭ داۋام قىلىۋاتقان بولغاچقا، تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش خەۋپىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۈگۈن كەچكىچە رايوندا بوران ۋە يامغۇرنىڭ داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر