پۇتىن پىرىگوجىن ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇس ياللانما قوشۇنى ۋاگنېرنىڭ باشلىقى يېۋگېنىي پرىگوجىننىڭ ئائىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۋېر رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

2028990
پۇتىن پىرىگوجىن ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن كرېمىل سارىيىدا ئاتالمىش ​​دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى دېنىس پۇشىلىن بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، پۇتىن ئالدىنقى كۈنى تۋېر رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا پرىگوجىننىڭمۇ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەلىرى ھەر دائىم تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال. دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا ۋاگنېر خادىملىرىمۇ بار ئىكەن.»

ئۇ ۋاگنېرنىڭ ئۇكرائىنادىكى «يېڭى ناتسىستلار ھاكىمىيىتى» گە قارشى كۈرەشكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنى بىلىمىز ۋە خاتىرىلەپ تۇرىمىز، ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز.»

پۇتىن پرىگوجىننى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پرىگوجىن تەقدىرى مۇرەككەپ، ئەمما تالانتلىق ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئېغىر خاتالىقلار بار ئىدى.»

پىرېزىدېنت پۇتىن پرىگوجىننىڭ رۇسىيەدىن سىرت يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىمۇ «مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرنى» قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ تالانتلىق كارخانىچى ئىدى، ئۇ ئېلىمىزدىلا ئەمەس، چەت ئەللەردە، بولۇپمۇ ئافرىقادا خىزمەت قىلدى. ئۇ نېفىت، تەبىئىي گاز، قىممەتلىك مېتال – تاشلار سودىسى بىلەن شۇغۇللاندى.»

ئۇ يەنە، تۋېر رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر