گىرېتسىيە 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ (ئالېكساندرۇپولىس) ۋە مەرىچ (ئېۋروس) رايونىدا 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ، گىرېتسىيە 20 يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2029054
گىرېتسىيە 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق كوپېرنىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن تەييارلىغان دوكلاتىغا قارىغاندا، 23-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا دەدەئاغاچ (ئالېكساندرۇپولىس) ۋە مەرىچ (ئېۋروس) رايونىدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتى داۋامىدا 720 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق ئورمانلىق رايونى كۆيۈپ كەتكەن.

گىرېتسىيەدە يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن 16 قېتىملىق ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتىدە، دەدەئاغاچ ۋە مەرىچ رايونىدىكى 720 كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەر  بىلەن قوشقاندا جەمئىي 4200 كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەر كۆيۈپ كەتكەن.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، گىرېتسىيەدىكى بۇ ئورمان ئوت ئاپىتى ياۋروپا تېررىتورىيەسىدە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى ھېسابلىنىدىكەن.

7-ئايدا 520 كىۋادرات كىلومېتىر يەر كۆيۈپ كەتكەن گىرېتسىيەدە، بۇ يىل (2023) 1200 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يەر كۈلگە ئايلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئوت قويۇپ بېرىش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان 140 كىشىدىن 73 كىشىنى تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر