ئىتالىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى

ئىتالىيەنىڭ ئېلبا ئارىلىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

2027991
ئىتالىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ غەربىدىكى ئېلبا ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتى ئەتىگەن تەرەپتە كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 700 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئارالدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە نۇرغۇن گۇرۇپپىلار، ئىككى  ئايروپىلان ۋە ئىككى تىك ئۇچار نىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايوندا سوۋۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئارالدىكى ئوت ئاپىتىدە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا 14 گېكتار يەر زىيانغا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر