مەككەدە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش بىر كۈن توختىتىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە كېچىدە باشلانغان گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش بىر كۈن توختىتىلدى.

2028143
مەككەدە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش بىر كۈن توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەككە مۇكەررەمە مائارىپ ئىدارىسى يېرىم كېچىدە باشلانغان گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن چارشەنبە كۈنى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنىڭ بىر كۈن توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە بوران – چاپقۇن توختىغاندىن كېيىن، مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ ئابونتلىرىنىڭ توردا مەككەدىن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلار، ھەرەم ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ بوران-چاپقۇن سەۋەبىدىن يوللاردا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشى، كەبەدە مۇسۇلمانلارنىڭ قارا يامغۇر ئاستىدا ناماز ئوقۇماقچى بولۇشى ۋە  چاقماقنىڭ سائەت مۇنارىغا سوقۇلۇشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر