گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرى داۋاملاشماقتا

گىرېتسىيەدە ئۇدا 5 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە  ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپەتلىرى كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن كونترول ئاستىغا ئېلىنالمىدى.

2028406
گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەدەئاغاچ رايونىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى 5 – كۈنىمۇ داۋاملاشتى، ھەمدە ئوت يالقۇنلىرى دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدا تېخىمۇ كۈچەيدى.

دەدەئاغاچ رايونىدا يۈز بەرگەن، غەربىي تراكيادىكى مېرىچ ۋە رادوپ رايونلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئېگناتىيا يولى تاقالدى.

سېلانىك ۋە ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان ۋە سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان ئاپتوموبىللارغا سەپىرىنى بۇلغارىيە ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇشى تەۋسىيە قىلىندى.

گىرېتسىيە دۆلەتلىك نازارەت قىلىش ۋە مۇھىت ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى نىكوس مىخالوپۇلوس ئورمان ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن ھاۋادا يىغىلىپ قالغان ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ مىقدارىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن چەكتىن ھالقىپ، 20 مىكروگىرامدىن 100 مىكروگىرامغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېرىچ رايونىدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ «ئىيون دېڭىزى» دىكى ئاراللارغىچە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان مىخالوپۇلوس پايتەخت ئاتىنانىڭ غەربىي قىسمى ۋە پىرې رايونىدا ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

 

مىخالوپۇلوس ئۇششاق دانچە ماددىلار مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، ھەمدە بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە نەپەس يولى مەسىلىسى بارلارنىڭ سىرتقا چىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

دۆلەت مىقياسىدا سائەتلىك تېزلىكى 70 كىلومېتىرغا يېتىدىغان كۈچلۈك شامالمۇ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.

8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە بىرى ۋىيوتىيادا رايونىدا، يەنە بىرى مېرېچ رايونىنىڭ كاۋاچىك (لېفكىمى) مەھەللىسىدە بولۇپ، جەمئىي ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

22 – ئاۋغۇست كۈنى مېرىچ رايونىدىكى دادىياس ئورمانلىقىدا، مېرىچ رايونىدىن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەرگە ئائىت ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئىككى بالىنىڭكى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 18 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن ئىككى كۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 20 گە يەتتى.

گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىنا ساكېلاروپۇلۇ مېرىچ رايونىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ ئېغىر مۇسىبەت سەۋەبىدىن، خەلقىمىز تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى پۇقرالىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، تەبىئەت زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر