زىمبابۋې تۆت ژۇرنالىستنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

زىمبابۋېدە پرېزىدېنتلىق ۋە ئومۇمىي سايلام ئۈچۈن ئاخىرقى تەييارلىقلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، جەنۇبىي ئافرىقىلىق تۆت نەپەر ژۇرنالىست چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

2026734
زىمبابۋې تۆت ژۇرنالىستنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: زىمبابۋې ھۆكۈمىتى باياناتچىسى نىك مانگۋانا دۆلەتكە كىرىش مەقسىتى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە يالغان بايانات بەرگەنلىكى بايقالغان تۆت نەپەر جەنۇبىي ئافرىقالىق مۇخبىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مانگۋانا سايلامنى كۆزىتىش ئۈچۈن كەلگەن كۆزەتكۈچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ دۆلەتكە كىرىش جەريانىدا ئالدىن مەلۇمات بەرگەن بولىشىنىڭ مەجبۇرىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا مەسئۇللارنى قايمۇقتۇرغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچى ئايروپىلان بىلەن قايتۇرىۋىتىلىدىغانلىقىنى  تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر