بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ ئامبارلىرىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇزېيلىرىدىن بىرى بولغان بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ ئامبارلىرىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ياكى ئوغرىلانغانلىقى ۋەياكى بۇزۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

2025977
بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ ئامبارلىرىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ باياناتىدا، ئامباردىكى بىر قىسىم ئەينەك، ئالتۇن بۇيۇملار، زىبۇ-زىننەت ۋە قىممەتلىك تاشلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، ئوغرىلانغانلىقى ۋەياكى بۇزۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنمىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تارىخىي مىلادىدىن بۇرۇنقى 15-ئەسىردىن مىلادىدىن كېيىنكى 19-ئەسىرگىچە بولغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات مەقسىتىدە ئامبارلاردا ساقلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ كىچىك پارچىلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ يوقىلىشى، ئوغرىلىنىشى ۋە بۇزۇلۇشىغا مەسئۇل مۇزېي خادىمىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە ئەدلىيە تەكشۈرۈشىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر