لىۋىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى  27 گە يەتتى

لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا 27 كىشى قازا قىلىپ، 106 كىشى يارىلاندى.

2025093
لىۋىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى  27 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە دۆلەتلىك بىرىنچى ياردەم ۋە قوللاش مەركىزىنىڭ باياناتىدا، لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى جىنايەت ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش بۆلۈمى «رادا» بىلەن مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «444 -بىرىگادا» ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 27 كىشىنىڭ جېندىن ئايرىلغانلىقى ۋە 106 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئەمما لىۋىيە مەتبۇئاتلىرىدا «444 - بىرىگادا» نىڭ قوماندانى مەھمۇد ھەمزانىڭ «رادا» تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىشىنىڭ، توقۇنۇشنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياققانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى ئىككى كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. «رادا» ۋە «444 - بىرىگادا» دۆلەتنىڭ غەربىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك ئىككى چوڭ خەلق ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىسى دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر