كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 55 ئىسيانچى ئۆلتۈرۈلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە شىمالىي كىۋۇ ۋە ئىتورى ئۆلكىلىرىدە يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا، «دېموكراتىك ئىتتىپاق كۈچلىرى» ئىسىملىك ئىسيانچى گۇرۇپپىنىڭ 55 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

2025214
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 55 ئىسيانچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتۇرى رايونىدىكى ساقچى خادىمى پېكوس مبوكانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ كىۋۇ ۋە ئىتورى ئۆلكىلىرىنىڭ ئومبىڭ، مەكاڭۋا، مابۇۋ، مولىسو، ماسيا ۋە ماسېنزې قاتارلىق يېزا-كەنتلىرىدە  يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە «دېموكراتىك ئىتتىپاق كۈچلىرى» ئىسىملىك ئىسيانچى گۇرۇپپىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، بۇ گۇرۇپپىنىڭ  55 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى ئىچىدە بولسا، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ئەمما بەزى ئەسكەرلەر يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر