ھىندىستاندا كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 55 كە ئۆرلىدى
ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 55 كە ئۆرلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ھىماچال پرادېش ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر ۋە بوران ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ھىماچال پرادېش باش مىنىستىرى سۇخۋىندېر سىنگ سۇخۇ مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆلكىدە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن تەخمىنەن 55 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۆلكە ساقچىلىرى باكرا توسمىسىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى سەۋەبىدىن دەريا بويىدىكى ئاھالىلەرگە قارىتا ئېھتىياتچان بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
ھىماچال پرادېش ئۆلكىلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنىمۇ ئىشتاتتىكى بىر قانچە نەچچە يۈز يولنىڭ قاتناشقا تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.