«بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ياخشى»

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زۇكان ھېلېز بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2025130
«بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ياخشى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېلېز تۈركىيەنىڭ سارايېۋۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سادىق بابۇر گىرگىن بىلەن كۆرۈشكەن.

ھېلېز ئالدىنقى ئايدا ئۆزىنىڭ خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى (IDEF'23) ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيەدىن رازىمەنلىك بىلەن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشى يولىدا تۈركىيەنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانى قوللىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

باش ئەلچى گىرگىن بولسا، ھېلېزنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىلغار مۇداپىئە سانائىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي، پۇل-مۇئامىلە لايىھەلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر