ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئەرىھە شەھىرىدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

2024569
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پەلەستىننىڭ «SND» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئەرىھە شەھىرىدىكى ئەقبەت جەبر مۇساپىرلار لاگېرىغا باستۇرۇپ كىرگەن.

بۇنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، مۇھەممەد رىبھى نۇجۇم ۋە قۇسەي ئومەر ئەلۋەلجى ئىسىملىك ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

 ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەقبەت جابىر لاگېرىغا باستۇرۇپ كىرىشى جەريانىدا، مۇھەممەد ناسىر ئەبۇ ئەلئەسىل ئىسىملىك بىر پەلەستىنلىك تۇتقۇن قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر