ۋاشىنگتوندا شىددەتلىك بوران ۋە يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا بەزى رايونلار ئۈچۈن شىددەتلىك بوران ۋە كەلكۈن ئاپىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

2024722
ۋاشىنگتوندا شىددەتلىك بوران ۋە يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى (NWS) ۋاشىنگتوننىڭ بەزى رايونلىرى ئۈچۈن شىددەتلىك بوران ۋە كەلكۈن ئاپىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا، «بوران يۆنىلىشىدە بولغانلار ئۈچۈن بىنالارنىڭ ئۆگزىسى، تام سۇۋاقلىرى ۋە دېرىزىلەر خەتەر پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دېيىلدى.

كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشتا تىلغا ئېلىنغان ھاۋا رايى ئۆتۈپ كەتكىچە ئامال بار بىخەتەر ئۆيلەردە تۇرۇشلىرى تەلەپ قىلىندى.

شىددەتلىك بوراننىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندىن باشقا ۋىرجىنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالى، مارىلەند ئىشتاتىنىڭ بەزى رايونلىرىغا يېرىم كېچىگىچە تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ سۇ بېسىشتىن ئاگاھ بولۇشى ئەسكەرتىلدى.

شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن دەريا-ئۆستەڭلەرنىڭ تېشىپ كېتىشى، ئويمان ۋە پەس جايلارنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىندى.

بوراننىڭ يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئاجىزلىشى، يامغۇرنىڭ بولسا سەھەرگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر