دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 3 كىشى قازا قىلىپ، 39 كىشى يارىلاندى
دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سان كىرىستوبال شەھرىدە بىر بازارغا جايلاشقان ناۋايخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 3 كىشى قازا قىلىپ، 39 كىشى يارىلانغان.
2024874
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەسئۇللار سان كىرىستوبالدىكى «كونا بازار» غا جايلاشقان ناۋايخانىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە بىر قىسىم بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالاقىدار مەسئۇللار پارتىلاشتا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، كەم دېگەندە 39 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئالاقىدار تارماقلار پارتىلاشنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.