بېلگىيەدە غەلىتە بىر ئوغرىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى

بېلگىيەنىڭ ليېگې شەھىرىدە بىر دۇكان خوجايىنى مال سېتىۋىلىشتا خىرىدار ئىشلەتكەن بانكا كارتىسىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئوغرىنىڭ قولغا ئېلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2024358
بېلگىيەدە غەلىتە بىر ئوغرىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جىنايەت گۇماندارى دۇكان خوجايىنىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇنىڭ ھەميانىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.

دۇكاندار ئوغرىلىقنى سەزمىگەن، ئەمما ئەتىسى گۇماندار ھەمياندىن چىققان بانكا كارتىسى بىلەن بىر دۇكاندىن  بىر مال سېتىۋالماقچى بولغان.

دۇكاندار پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىكى بۇ كارتىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقىغاندا، گۇماندارغا سەزدۈرمەستىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن جىنايەت گۇماندارى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا چۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر