باڭلادېشتىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 57 كە يەتتى

باڭلادېشنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك يامغۇر كەلكۈنگە سەۋەب بولدى ۋە  كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 57 كە يەتتى.

2023737
باڭلادېشتىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 57 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: باڭلادېش مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى يامغۇرنىڭ يەنە 2 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى، دەريالاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە  ئاگاھلاندۇۇش ئېلان قىلدى.

باڭلادېش ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 4-ئاۋغۇستتىن 11-ئاۋغۇستقىچە تەسىر كۆرتسەتكەن يامغۇرنىڭ كەلكۈنگە ئايلانغانلىقى ۋە كەلكۈندە تەخمىنەن 1 مىليون كىشىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەلكۈن سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەر ۋە يۈزلىگەن ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئەمما زىياننى ئېنىقلاش خىزمىتى ئۈچۈن  بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

باڭلادېشتا 6-ئايدىن 9-ئايغىچە كۆرۈلىدىغان پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن ھەر يىلى مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى سەلەبىي تەسىرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر