خېيلوڭجياڭدا كەلكۈن ئاپىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىككى رايونىدا بوراننىڭ تەسىرىدە كۆپىيىۋاتقان ھۆل-يىغىن سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتىگە قارشى «جىددىي ھالەت» ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.

2023223
خېيلوڭجياڭدا كەلكۈن ئاپىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خېيلوڭجياڭ مېتېرولوگىيە مەركىزى تاڭيۈەن ناھىيەسى بىلەن بولى ناھىيەسىدە، بىر كىۋادرات مېتىر يەرگە ياغىدىغان يامغۇر مىقدارى 100 مىللىمېتىردىن ئېشىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى رايوندا كەلكۈن خەتىرى سەۋەبىدىن «قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش» ئېلان قىلىندى. خىتاينىڭ تۆت باسقۇچلۇق كەلكۈندىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىدا، «قىزىل» ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى بىلدۈرىدۇ.

خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان سوڭخۇا دەرياسىنىڭ بەزى تارماقلىرىدا سۇ سەۋىيەسى خەتەرلىك نۇقتىغا يەتتى. ھازىرغىچە 374 مىڭ كىشى ھۆل-يىغىن ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. 187 مىڭ كىشى بىخەتەر قايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

مەزكۇر ئۆلكىدە 2-ئاۋغۇست (2023) تىن بۇيان شىددەتلىك بوران ۋە ھۆل-يىغىن ئالتە شەھەردىكى 37 ناھىيەدە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى. خىتاينىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان رايوندا 258 مىڭ گېكتار دېھقانچىلىق مەيدانى زىيانغا ئۇچرىدى. 149 كۆۋرۈك بۇزۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر