نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتى باش ئەلچى كانېنىڭ ئوغلىنى قولغا ئالدى

نىگېردىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان نىگېرنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئايچاتۇ بولاما كانېنىڭ ئوغلى ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

2022754
نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتى باش ئەلچى كانېنىڭ ئوغلىنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش ئەلچى كانېنىڭ ئوغلى ئىدرىسسا كانې نېگىر پوچتا مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ، ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن چىرىكلىك ۋە ھۆكۈمەت مەبلىغىگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

مەملىكەتلىك ۋەتەننى قوغداش كېڭىشى  3 - ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرنىڭ ئەبۇجا، پارىژ، لوم ۋە ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىلىرىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، نىگېرنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كانې ئۆزىنىڭ ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

نىگېردا پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇم 26- ئىيۇل پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى خادىملىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ۋە شۇ كۈنى كەچتە ھەربىيلەر ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى قوماندانى گېنېرال ئابدۇراھمان تىچانى 28- ئىيۇل مەملىكەتلىك ۋەتەننى قوغداش كېڭىشى ناملىق ھەربىي ئورگاننىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر