گېرمانىيە رۇسىيە ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلىگەن بىر كىشىنى قولغا ئالدى

گېرمانىيە توماس خ. ئىسىملىك بىر گېرمانىيە پۇقراسىنى رۇسىيە ئىستىخباراتى (دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى)غا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى.

2022670
گېرمانىيە رۇسىيە ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلىگەن بىر كىشىنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، توماس خ. نىڭ كوبلېنز شەھىرىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جىنايەت گۇماندارىنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ئۆيىنىڭ ئاختۇرۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، توماس خ. نىڭ بىر چەت ئەل ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

توماس خ.نىڭ گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ جابدۇق ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، گۇماندارنىڭ ماي (2023) دىن بۇيان رۇسىيەنىڭ بونندىكى كونسۇلخانىسى ۋە بېرلىندىكى ئەلچىخانىسىغا بىر قانچە قېتىم ئىلتىماس سۇنۇپ، ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇنغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، گۇماندارنىڭ رۇسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەسپىي پائالىيەتلىرى جەريانىدا توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، توماس خ. سوتچىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە سولانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر