فىرانسىيە نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

فىرانسىيە نىگېردىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ «فىرانسىيە نىگېر ھاۋا تەۋەلىكىدە رۇخسەتسىز ئۇچتى ۋە تېررورچىلارنى قويۇپ بەردى» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

2022689
فىرانسىيە نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نىگېردىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «نىگېردىكى ھەربىي ھاكىمىيەت يېڭى ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرى بىردەك رەت قىلىندى. فىرانسىيە ئەسكەرلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانۇنلۇق نىگېر دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېيىلدى.

بۇ رايوندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھېچقانداق تېررورچىلارنى قويۇپ بەرمىگەنلىكى ۋە نىگېر ئارمىيىسىگە تەۋە ھېچقانداق ئورۇنغا ھۇجۇم قىلمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«نىگېر ئارمىيەسىگە نىگېر ھاۋا بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى، نىگېر ئارمىيەسى بۇ تەلەپكە يازما تەستىق بەردى.»

نىگېردا 26-ئىيۇل (2023) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەربىي ھۆكۈمەت، فىرانسىيەنى دۆلەت ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە نىگېر ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ۋەتەننى قوغداش مىللىي كېڭىشى (CNSP) نىڭ باياناتچىسى ئامادوۋ ئابدىرامانې بايانات ئېلان قىلىپ، تىللابېرى رايونىدىكى سامىرا ناھىيەسىدىكى نىگېر ئارمىيەسىنىڭ بىر پونكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىيۇن ئېيىدا  فىرانسىيە قويۇپ بەرگەن تېررورىستلار تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

باياناتتا يەنە، چاد ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچقان بىر فىرانسىيە ئايروپىلانىنىڭ، نىگېر ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

نىگېر ھاۋا تەۋەلىكى 6-ئاۋغۇست (2023) غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى تاقالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر