بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئافرىندا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە پۇقرا يارىلاندى.

2022657
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئافرىندا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ تەلرىفات ناھىيەسىدىكى ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ  ئافرىن رايونىدا مەجبۇرىي ئۆي – ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان كېسەك ئۆيلەرگە قىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا ئالتە پۇقرا يارىلاندى.

تۈركىيە چېگراسىدىن 18 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۈرىيەنىڭ تەلرىفات ناھىيەسىنى ئۇدا ئالتە يىلدىن بۇيان ئىشغال قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ پۇقرالارغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا.

تەلرىفات ناھىيەسىدە ئۇۋا سالغان تېررورچىلار ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئافرىن رايونىنىڭ تەرەندە يېزىسىدا پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان كېسەك ئۆيلەرگە ئىككى قېتىم راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

خەلق مۇداپىئە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىدا، ئۈچ بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە پۇقرا يارىلانغان.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى 2016 – يىلى  فېۋرال ئېيىدا رۇسىيەنىڭ ھاۋا ياردىمى ئاستىدا تەلرىفات رايونى ۋە ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلىرىنى ئىگىلىۋالغانىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تەلرىفات ۋە ئەتراپىدىن تەخمىنەن 250 مىڭ پۇقرانى ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلىۋەتكەن، ئۆي – ماكانلىرىنى مەجبۇرىي تەرك ئەتكەن بۇ كىشىلەر، تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلاردا پاناھلانغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ بۇ يەردىن «فىرات قالقىنى» ۋە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدىكى  ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى، ئامانلىق ساقلىغۇچى تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ئۆكتىچى  جەڭچىلەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر