يەھۇدىي ئاكادېمىكلار: ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئايرىمچىلىقتۇر

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن يەھۇدىي ئاكادېمىكلار ئىسرائىلىيەنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىش سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2021639
يەھۇدىي ئاكادېمىكلار: ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئايرىمچىلىقتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توردا ئېلان قىلىنغان باياننامەگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپىنچىسى پىروفېسسور 417 يەھۇدىي ئاكادېمىك ئىمزا قويدى.

باياننامەدە پەلەستىن خەلقىنىڭ «ئاۋاز بېرىش ۋە نامايىش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلاردىن مەھرۇم ئىكەنلىكى»، ھەمدە  «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى» تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «پەلەستىنلىكلەر داۋاملىق زوراۋانلىققا دۇچ كەلمەكتە، پەقەت بۇ يىللا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىدا 190 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 590 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشنى چېقىۋەتتى. كۆچمەن شايكىلار جازادىن خالىي ھالدا ئوت قويۇش، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلماقتا.» 

«پەلەستىنلىكلەر ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى ئاستىدا ياشىسىلا، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلار ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەت بولالمايدۇ.»

باياننامەدە ئىسرائىلىيەدە ئەسەبىي ئوڭچىللارنىڭ كۈچىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقى، ئامېرىكالىق يەھۇدىي مىلياردېر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭمۇ ئىسرائىلىيەدىكى  ئەسەبىي ئوڭچىللارنى قوللايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر