شىمالىي كورېيەنىڭ خاككېرلار گۇرۇپپىسى رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە شىركىتىگە تور ھۇجۇمى قىلدى
شىمالىي كورېيەنىڭ خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ رۇسىيە مۇداپىئە شىركىتىگە تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنى كۈزىتىدىغان تور بېتى «NK News» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، <SentinelOne> نىڭ دوكلاتىدا، <ScarCruft> ۋە <Lazarus> گۇرۇپپىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك راكېتا سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقارغۇچىسى «NPO Mashinostroyeniya» شىركىتىگە تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2022-يىلى مايىسقىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ قورال-ياراغ پروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
<SentinelOne> يەنە، «NPO Mashinostroyeniya» شىركىتىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سەرگۈر باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ مەخپىي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
<SentinelOne> يەنە، «NPO Mashinostroyeniya» شىركىتىنىڭ تېخنىكا ۋە خادىملار مەنبەسى چەكلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا تور ھۇجۇمى قىلىشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تور ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ <NPO> خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلانغان ئېلخەت ئادرىسلىىرى ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن <SentinelOne> ھۇجۇم جەريانىدا قايسى كونكرېت سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.