نورۋېگىيە مېتاغا جەرىمانە قويۇشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

نورۋېگىيە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش ئورگىنى (Datatilsynet) 14- ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى مېتا (Meta)غا كۈنلۈك 1 مىليون كرون (تەخمىنەن 98 مىڭ 500 دوللار) جەرىمانە قويۇشقا باشلايدۇ.

2021579
نورۋېگىيە مېتاغا جەرىمانە قويۇشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش ئورگىنى 17 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، مېتا بەلگىلەنگەن قائىدە - تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلمىغان تەقدىردە، جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئورگان مېتانىڭ نورۋېگىيەدىكى ئابونتلارنىڭ فىزىكىلىق ئورنى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىيالمايدىغانلىقىنى ۋە «سۆز – ھەرىكەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلانچىلىق قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

نورۋېگىيە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش ئورگىنىنىڭ خەلقئارا بۆلۈمى باشلىقى توبىياس جۇدىن: «كېلەر دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، مېتاغا ھەر كۈنى1 مىليون كرون جەرىمانە قويۇلۇشقا باشلايدۇ» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، جەرىمانە 3- نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر