بۇركىنا فاسودا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 25 ئادەم قازا قىلدى.
2021637
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر توگو چېگراسىدىكى بىتتو شەھىرى ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلغان.
ۋەقەدە 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 ئادەم يارىلانغان.
بۇركىنا فاسودا 2015-يىلى باشلانغان بىخەتەرلىك كرىزىسى نەتىجىسىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇلاردىن پەقەت 120 مىڭ كىشىلا ئۆي – ماكانلىرىغا قايتالىغان.
بۇركىنا فاسو باش مىنىستىرى ئالپوللىنېيېر جوئاشىمسون كىيېلىم دې تامبىلا ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇركىنا فاسو تېررىتورىيەسىنىڭ % 65 ىنىڭ دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.