سۇدان ئارمىيەسى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنى بومباردىمان قىلدى

سۇدان ئارمىيەسى ئاپرېل ئېيى (2023) دىن تارتىپ توقۇنۇشۇۋاتقان تېز ياردەم قىلىش قىسىملىرى ئورۇنلاشقان، پايتەخت خارتۇمدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

2021038
سۇدان ئارمىيەسى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ۋە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سۇدان ئارمىيەسى ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان تېز ياردەم قىلىش قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىچىدىكى نۇقتىلارنى تۇنجى قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان.

سۇدان ئارمىيەسى يەنە، خىارتۇم بىلەن غەربتىكى ئۇمدۇرمان ۋە شىمالدىكى بەھرى شەھىرىدىكى تېز ياردەم قىلىش قىسىملىرىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنىمۇ توپ ئوقلىرى بىلەن بومباردىمان قىلغان.

سۇدان ئارمىيەسى شەنبە كۈنى (5-ئاۋغۇست) پايتەخت خارتۇمنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ماشنىلاشقان قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەتراپىدىكى تېز ياردەم قىلىش قىسىملىرىنىڭ نۇقتىلىرىغا قىلغان ھۇجۇمدا، ئونلارچە تېز ياردەم قىلىش قىسمى جەڭچىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 10 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا، نورۋېگىيە ۋە ئەنگلىيە سۇداندىكى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

سۇدان ئارمىيەىسى بىلەن تېز ياردەم قىلىش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا 100 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا. توقۇنۇشلار ئاساسلىقى پايتەختنىڭ ئەتراپى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ غەربىدە كەسكىن بولماقتا.

بۇ توقۇنۇشلار دا، 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئونمىڭلارچە كىشى يارىلاندى. تەخمىنەن 4 مىليون كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر