خىتايدا يېقىنقى 140 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ شىددەتلىك يامغۇر باشلاندى

خىتايدىكى شىددەتلىك يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە 10 كىشى قازا قىلىپ، 18 كىشى يوقاپ كەتتى.

2020882
خىتايدا يېقىنقى 140 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ شىددەتلىك يامغۇر باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خېبىي ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 10 كىشى قازا قىلىپ، 18 كىشى يوقاپ كەتتى.

خېبىي ئۆلكىسىگە قاراشلىق باۋدىڭ شەھىرى شىددەتلىك يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.

مەسئۇللار شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ھەمدە شەھەرنىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە، 18 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تەخمىنەن 600 مىڭ كىشىنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقى، رايوندا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەلكۈن سۇلىرىنى تازىلاش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا.

خىتايدا تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە باشلانغان بۇ قېتىمقى شىددەتلىك يامغۇرنىڭ يېقىنقى 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك يامغۇر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسى «گېئولوگىيەلىك خەتەرلەر» توغرىسىدا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ، قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر