گېرمانىيەدىكى بەزى جامەلەرگە تەھدىت مەكتۇپى ئەۋەتىلدى

گېرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسونىيە ئۆلكىسىنىڭ برامشې بازىرىدىكى بىر جامەگە مىللىي سوتسىيالىستىك يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتى (NSU) ئىمزالىق تەھدىت مەكتۇپى ئەۋەتىلدى.

2020588
گېرمانىيەدىكى بەزى جامەلەرگە تەھدىت مەكتۇپى ئەۋەتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيانەت ئىشلىرى تۈرك-ئىسلام بىرلىكى قارمىقىدىكى ئەييۇپ سۇلتان جامەسىگە پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ناتسىستلار گىرىبى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن  كىرىست بەلگىسى سىزىلغان تەھدىت مەكتۇپىدا: «مۇشۇنداق داۋام قىلىڭلار. يەھۇدىيلارغا قىلغانلىرىمىزنى سىلەرگىمۇ قىلىمىز. ئۇ كۈن يىراق ئەمەس» دېگەندەك تەھدىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى. مەكتۇپتا يەنە، ئىسلام دىىنىمۇ ھاقارەت قىلىندى.

دىيانەت ئىشلىرى تۈرك-ئىسلام بىرلىكى قارمىقىدىكى ئەييۇپ سۇلتان جامەسى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەھمەت ئىرماق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، NSU (گېرمانىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىل تەشكىلات - مىللىي سوتسىيالىستىك يەر ئاستى)نىڭ ئىمزاسى بىلەن رايوندىكى باشقا بىر جامەگىمۇ تەھدىت مەكتۇپى ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پوچتا ئارقىلىق جامەلەرگە يوللانغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەھدىت مەكتۇپلىرىنىڭ بىرىنىڭ تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ جامەسىگىمۇ ئەۋەتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىرماق: «بىز رايونىمىزدىكى ئوخشىمىغان جامەلەرگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەھدىت مەكتۇپلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز ئالاقىدار ئورگانلاردىن بۇ ۋەقەلەرگە تېخىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىرماق يەنە ۋەقەنىڭ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇنغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر