ئۇكرائىنا: ئەردوغان پۇتىننى ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغان بىردىنبىر رەھبەر

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە قايتۇرالايدىغان بىردىنبىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2020063
ئۇكرائىنا: ئەردوغان پۇتىننى ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغان بىردىنبىر رەھبەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا ئۇكرائىنا رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئۇكرىنفورمنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

رۇسىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى توختاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان كۇلېبا، ئۇكرائىنانىڭ پۇتىننى بۇ كېلىشىمگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇكرائىنا پۇتىننىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئەردوغان بىلەن ماسلىشىۋاتىدۇ. ئەردوغانمۇ بۇ مەسىلىدە (ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) زېلېنسكىي بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۆزئارا مەنپەئەت مەسىلىسى. ئەردوغان پۇتىننىڭ  كېلىشىمگە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىردىنبىر رەھبەر» دېدى.

2022- يىلى 24 - ئىيۇن باشلانغان رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا ئاشلىق باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا 2022 – يىلى 22 – ئىيۇل ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ مۇددىتى توشقان كېلىشىم توغرىسىدا 17 - ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى رەسمىي ئاخىرلاشتى، توختىتىلدى. رۇسىيە مۇناسىۋەتلىك شەرتلەر ئورۇندالغان ھامان دەرھال ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىدۇ. كېلىشىمنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمى ئورۇندالمىدى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر