نىگېر فىرانسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى

نىگېردا 26-ئىيۇلدا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھۆكۈمەت يېڭى بايانات ئېلان قىلدى.

2020202
نىگېر فىرانسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ھەربىي ھۆكۈمىتى فىرانسىيە بىلەن ئىمزالانغان بارلىق ھەربىي ھەمكارلىق ۋە كېلىشىملەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

نىگېرنىڭ پارىژ، ئابۇجا (نىگېرىيە پايتەختى) ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى توختاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

نىگېر ھەربىي ھۆكۈمىتى باياناتىدا، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى (ECOWAS) گە تەھدىت سالغان ھالدا، نىگېرغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان تەقدىردە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نىگېردا «24-فرانس» قانىلى ۋە «فىرانسىيە رادىيوسى» نىڭ ئاڭلىتىشلىرى توختىتىلدى. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نىگېردىكى ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قاناللارنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر ۋە ئامېرىكادىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە، دۆلىتىدىكى ھەربىي ئكزگىرىشنىڭ دۇنيا ئۈچۈن يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارمىيە  قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقلىرى نىگېرىيە پايتەختى ئابۇجادا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېردا دېموكراتىيەنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشىدا قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر