بلىنكېن: قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى «پۇرسەتپەرەستلىك» قورالى قىلىپ ئىشلەتتى

ئامېرىكا تۈركىيە ئارمىيەسى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى «پۇرسەتپەرەستلىك» قورالى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2020181
بلىنكېن:  قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى «پۇرسەتپەرەستلىك» قورالى قىلىپ ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان «ئاچارچىلىق ۋە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر شارى يېمەكلىك ئەنسىزلىكى» تېمىلىق يىغىندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «يېمەكلىكنىڭ ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىگە خاتىمە بېرىشكە ۋەدە بەرگەن 91 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ ئۆز ئالدىغىلا كۈچلۈك بىر ئىبارە، بىز باشقىلارنىمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىدىن «پۇرسەتپەرەستلىك» قورالى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى ۋە موسكۋانىڭ بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بلىنكېن، قارا دېڭىز ئاشلىقىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئېغىر ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق ئېھتىياجى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ «كېلىشىمنى بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇكرائىنادىكى ئاشلىق ئامبارلىرىغا قەستەن ھۇجۇم قىلىپ» يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز باشقا لىنىيەلەرنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزسەكمۇ، ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى سايىسىدا ئىشقا ئاشۇرغان مىقدارغا يېتىش تولىمۇ مۈشكۈل» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشىنىڭ «ئۆزى بىلىدىغان ئىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىلىنكېن، ب د ت باش كاتىباتلىقى بىلەن تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

2022- يىلى 22 - ئىيۇن باشلانغان رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا ئاشلىق باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا 2022 – يىلى 22 – ئىيۇل ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ مۇددىتى توشقان كېلىشىم توغرىسىدا 17 - ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى رەسمىي ئاخىرلاشتى، توختىتىلدى. رۇسىيە مۇناسىۋەتلىك شەرتلەر ئورۇندالغان ھامان دەرھال ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىدۇ. كېلىشىمنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمى ئورۇندالمىدى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر