تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد ئورتاق تىرىشچانلىقنى تەكىتلىدى

تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد تۇنىس خەلقىنىڭ تۇرمۇش، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ساھەسىدىكى تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەكىتلىدى.

2019681
تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد ئورتاق تىرىشچانلىقنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قەيس سەئىد پارلامېنتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقانلىقى سەۋەبىدىن كارتاجا سارىيىدا پارلامېنت باشلىقى ئىبراھىم بۇدەربالە بىلەن كۆرۈشكەن.

قەيس سەئىد ئۇچرىشىشىتا، «تۇنىس خەلقىنىڭ تۇرمۇش، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن نۇرغۇن قىيىن شەرتلەرگە خاتىمە بېرىش ئورتاق تىرىشچانلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن ھەمدە بىر قىسىم قىيىن شەرتلەرنىڭ سىستېمىلىق جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد 2021-يىلى  25- ئىيۇلدا تالاش-تارتىشلىق پەۋقۇلئاددە قارارلارنى چىقىرىپ، باش مىنىستىر ھىشام ئەل ماششىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ۋە پارلامېنتنىڭ خىزمىتىنى توڭلىتىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى بىكار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر