موسكۋا نورۋېگىيەنى رۇس دىپلوماتلارغا قارىتا دوستانە بولمىغان چەت دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى نورۋېگىيەنىڭ رۇسىيە دىپلوماتلىرىغا نىسبەتەن دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2019925
موسكۋا نورۋېگىيەنى رۇس دىپلوماتلارغا قارىتا دوستانە بولمىغان چەت دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نورۋېگىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىغا قارىتا دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلىۋاتقان چەت دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بۇ قارارغا ئاساسەن، نورۋېگىيەنىڭ رۇسىيەدە ئىشلىتەلەيدىغان يەرلىك خادىم سانىنىڭ 27 بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

نورۋېگىيە ئاپرېلدا رۇسىيەنىڭ 15 دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر