گانادا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى گانادا 2022- يىلى 9354 ئادەم ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك سىندرومى— ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلدى.

2019598
گانادا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانا ئەيدىز كومىسسىيەسى دىرېكتورى دوكتور كيېرېمې ئاتۇاخېنې بايانات ئېلان قىلىپ، گانادە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۇ 2022- يىلى گانادا 9354 كىشىنىڭ ئەيدىز سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئوخشاش بىر يىلدا، 16574 ئادەم يۇقۇملاندى. دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ياشاۋاتقانلار ئومۇمىي سانى 354 مىڭ 927 گە يەتتى» دېدى.

ئاتۇاخېنې ئەيدىز ۋىرۇسى مۆلچەرىنىڭ يۇقۇمنىڭ خەتىرىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كومىسسىيەنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاتۇاخېنى، ئاممىنى ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر