دۇدا «رۇسىيە تەسىرىنى تەكشۈرۈش» قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى تەستىقلىدى

پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا رۇسىيەنىڭ پولشا ھۆكۈمەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈش مەخسۇس كومىتېتى قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

2019640
دۇدا «رۇسىيە تەسىرىنى تەكشۈرۈش» قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ 2007- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە بولغان جەرياندا پولشانىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىگە ئارىلىشىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت كومىتېتى قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن 31- مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغانىدى.

مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان سىياسىيونلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەشكە بولاتتى.

قانۇن پولشادا ئۆكتىچىلەر رەھبىرى دونالد تۇسك بۇ يىل كۈزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ باھانىسى دەپ قارالغان ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

پىرېزىدېنت دۇدا دۆلەت ئىچكى ۋە خەلقئارانىڭ بۇ قانۇن توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە قارىتا، 2 – ئىيۇن كومىتېت قۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى ۋە قانۇننىڭ ئەڭ كۆپ تالاش- تارتىش قوزغىغان <ئاممىۋى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن چەكلەش> قىسمىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.

ئاندرزېج دۇدا رۇسىيەنىڭ پولشا ھۆكۈمەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈش مەخسۇس كومىتېتى قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تۈنۈگۈن تەستىقلىدى.

پولشا پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى سېجم كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، 28- ئىيۇل 214 كە قارشى  235 بېلەت بىلەن قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر