بىرازىلىيە ساقچىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسلىرىگە كەڭ كۆلەملىك زەبە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

بىرازىلىيە ساقچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ رىئودې ژانېيرو شەھىرى، ساۋ پاۋلو ۋە باخىئا ئۆلكىلىرىدە زەھەرلىك چېكىملىك شايكىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 43 ئادەم قازا قىلدى.

2019627
بىرازىلىيە ساقچىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسلىرىگە كەڭ كۆلەملىك زەبە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە ساقچىلىرى رىئودې ژانېيرو شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ​​شايكىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ بىر رەھبىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساۋ پاۋلو ئۆلكىسىدىكى ئۇدا بەش كۈن داۋاملاشقان قالقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باخىئا ئۆلكىسىدە بولسا،  19 گۇماندارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساۋ پاۋلو دېڭىز قىرغىقىدىكى گۇارۇجا بازىرىدا بىر ئالاھىدە قىسىم ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن باشلانغان «قالقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى» جەريانىدا ساقچىلارنىڭ 58 ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، 385 كىلوگىرام زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىرازىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرى فلاۋىيو دىنو گۇارۇجادىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ سادىر قىلىنغان جىنايەتكە ماس بولمىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر