نىگېردا بەزى ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى تۇتۇلدى

نىگېردا 26-ئىيۇل (2023) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەربىي ھۆكۈمەت پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇم ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم مىنىستىر ۋە ئەمەلدارلارنى قولغا ئالدى.

2018651
نىگېردا بەزى ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇمنىڭ پارتىيەسى تاراييا (PNDS-Tarayya) نىڭ يازما باياناتىدا، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ يېرىم كېچىدە بىر قىسىم پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە مىنىستىرلىرىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھاما ئامادوۋ سوۋلېي، كان بايلىقلىرى مىنىستىرى خادىزا ئوسسەينى ۋە قاتناش مىنىستىرى ئوماروۋ مالام ئالما تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغۇغۇچىلار بىلەن پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇم ئارىسىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان سابىق پىرېزىدېنت ماخامادوۋ ئىسسوفونىڭ ئوغلى نېفىت مىنىستىرى سانى ئىسسوفو ماخامادوۋنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، نۇرغۇن مىنىستىرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز ئىكەنلىكى، قالايمىقان قولغا ئېلىش ئارقىلىق دېموكراتىيە قوغدىغۇچىلىرىنى قورقىتىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

نىگېردىكى ھەربىي ئۆزگىرىش

نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم 26-ئىيۇل پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇھاپىزەت باتالىيونى تەرىپىدىن تۇتۇلدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى ئارمىيە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مۇھاپىزەت باتالىيونىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئابدۇرراھمانې ئومار تاچىيانى 28-ئىيۇل (2023) «ۋەتەننى قوغداش مىللىي كېڭىشى» ناملىق ھەربىي گۇرۇھ ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇم 26-ئىيۇلدىن تارتىپ شەخسىي قورۇسىدا نازارەت ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر