بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر 11 خىتاينىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە 27 كىشى يوقاپ كەتتى

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 11 كىشى قازا قىلىپ، 27 كىىشى يوقاپ كەتتى.

2018762
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر 11 خىتاينىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە 27 كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىددەتلىك يامغۇر بېيجىڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەختنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئىككى كىشىنى قوشقاندا 11 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 27 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يوقاپ كەتكەن 27 كىشىدىن تۆت نەپىرىنىڭ فاڭشەندىكى بىر يېزىدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «كۆك ئاسمان» ناملىق قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى، قالغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بېيجىڭنىڭ 13 رايونىدا 44 مىڭ 673 كىشىنىڭ شىددەتلىك يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بېجىڭدىن 127 مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر