رۇسىيە-مولدوۋا مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىشكە باشلىدى

رۇسىيەنىڭ مولدوۋادىكى ئەلچىخانىسى ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىزمەتلىرىنى توختىتىدۇ.

2018173
رۇسىيە-مولدوۋا مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مولدوۋانىڭ 15-ئاۋغۇستتىن تارتىپ رۇسىيەدىن دىپلوماتىك خادىملارنىڭ سانىنى 80 دىن 25 كە قىسقارتىشنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ مولدوۋادىكى ئەلچىخانىسى خىزمەتلىرىنى ۋاقىتلىق  توختىتىشنى قارار قىلدى.

رۇسىيە ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىزمەتلەرنىڭ «تېخنىكىلىق سەۋەبلەر» تۈپەيلىدىن 5-ئاۋغۇستتىن باشلاپ توختىتىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

مولدوۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور زاخاروۋ رۇسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز پەقەت باراۋەرلىك بولسۇن ئۈچۈن چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

مولدوۋا مەزكۇر قارارنى، رۇسىيەنىڭ موسكۋادىكى مولدوۋا ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە كۆزىتىش ئۈچۈن ئىككىدىين ئارتۇق ئانتېنا قويغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر