كىم جوڭئۇن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى

خىتاي 1953-يىلى 27- ئىيۇلدا ئىمزالانغان شىمالىي كورېيەنىڭ پانمونجوم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 70 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۈچۈن پيوڭياڭغا ۋەكىللەر ئۆمىكى يوللىدى.

2017737
كىم جوڭئۇن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان پانمونجوم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 70 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ بىلدۈرىشىچە، پايتەخت پيوڭياڭنى زىيارەت قىلغان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى پانمونجوم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 70 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى خوڭكوڭ رىياسەتچىلىك قىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ھەمكارلىشىش ۋە «سوتسىيالىستىك قۇرۇلمىنى تېزلىتىش» ۋەدىسى قايتا تەكىتلەندى.

كىم جوڭئۇن بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بېرىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە ئۇرۇشى (1950-1953) مەزگىلىدە قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەيئەتلىرى 1953-يىلى 27- ئىيۇلدا ئىمزالانغان شىمالىي كورېيەنىڭ پانمونجوم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 70 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۈچۈن پيوڭياڭغا كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر