فىرانسىيەدە ​​بىر مۇسۇلمان ياشنىڭ قەھرىمانلىقى  ھەممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

فىرانسىيەدە ئىززىددىن ھەمدى ئىسىملىك ​​بىر مۇسۇلمان ياش ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بىر بىنادا قاپسىلىپ قالغان بىر بوۋاقنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 17 كىشىنى قۇتۇلدۇرىۋالدى.

2017709
فىرانسىيەدە ​​بىر مۇسۇلمان ياشنىڭ قەھرىمانلىقى  ھەممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ رومانس-سۇر-ئىسېرې شەھىرىدە ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

ئوت ئاپىتى جەريانىدا بىنا ئەتراپىدا ناۋايلىق قىلىدىغان ئىززىددىن ھەمدى ئىسىملىك مۇسۇلمان ياش بىناغا قاپسىلىپ قالغان بىر بوۋاقنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 17 كىشىنى قۇتۇلدۇرىۋالدى.

ئوت يالقۇنىغا قارىماستىن، پەلەمپەي بىلەن كىرىپ قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى دېرىزە ئارقىلىق سىرتقا چىقارغان مۇسۇلمان ياش ئەتراپتىكى كىشىلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

تۋىتتېر ئابونتلىرى ئىززىددىن ھەمدىنىڭ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن شەرەپ مېدالى بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن يازمىلارنى ھەمبەھىرلىدى.

مۇسۇلمان ياشنىڭ بىنادىن كەلگەن ۋارقىراشلارغا سۈكۈت قىلمىغانلىقى، ئوت يالقۇنىغا پىسەنتمۇ قىلماستىن ھاياتىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئوت ئۆچۈرگۈچىلەردىن بىرسى بولغان باپتىستې دېۋىس نەق مەيدانغا بارغىنىدا 5 - 6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوت يالقۇنىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە ئوتنىڭ ھەممىلا يەرنى قاپلاپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر