ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش تەرەپدارى نىگېرلىقلار نامايىش ئۆتكۈزدى

ئالدىنقى كۈنى ھەربىيلەر ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان نىگېردىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىغۇچىلار پايتەخت نىئامېي ۋە دوسسو شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.

2017140
ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش تەرەپدارى نىگېرلىقلار نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىئامېيدىكى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان يۈزلەرچە كىشى «فىرانسىيە يوقال»، «ياشىسۇن نېگىر ئارمىيەسى» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

دوسسوغا يىغىلغان نامايىشچىلارمۇ فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھەر ئىككى نامايىشتا نامايىشچىلارنىڭ رۇسىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېىلىشى دىققەتنى تارتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نىئامېيغا يىغىلغان نامايىشچىلار بازۇمنىڭ «نېگىر دېموكراتىيە ۋە سوتسىيالىزم پارتىيەسى»نىڭ مەركىزى بىناسىغا ئوت قويۇپ بەردى.

تاياق – توقماقلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار بىناغا ئوت قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ئەتراپتىكى ماشىنىلارنى ئۇرۇپ چاقتى.

ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە بىناسىنىڭ زور بىر قىسمى ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر