ناتو دۆلەتلىرى: تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا دۆلەتلەر تۈركىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2016837
ناتو دۆلەتلىرى: تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ، رۇسىيە تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، رايوندا پەيدا بولغان «ئېغىر بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى»نى مۇزاكىرە قىلدى.

ناتو — ئۇكرائىنا كېڭىشى 11-، 12 – ئىيۇل كۈنلىرى ئېچىلغان لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى يىغىنىنى تۈنۈگۈن بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو باش ئىشتابىدا باش ئەلچىلەر دەرىجىسىدە ئاچتى.

ناتو يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىش قارارى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇشى، ئۇكرائىنادىكى پورت شەھەرلىرى ۋە ئاشلىق ئامبارلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ئىتتىپاقداشلار ۋە ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگنىڭ: «قارا دېڭىزدىكى خەتەرلىك ۋە جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتقۇچى ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقى رۇسىيەدە. رۇسىيە ئاچلىقنى قورال قىلىپ ئىشلىتىشنى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز كىشىلەرگە يېمەكلىك مۇقىمسىزلىقى بىلەن تەھدىت سېلىشنى توختىتىشى كېرەك. رۇسىيەنىڭ قىلمىشلىرى، ئوخشاش ۋاقىتتا، ناتوغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قارا دېڭىز رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ئىتتىپاقداشلار ئۇكرائىناغا بولغان قوللاش ۋە ھوشيارلىقنى كۈچەيتمەكتە. بىز ئىتتىپاق تېررىتورىيەسىنىڭ ھەر بىر سانتىمېتىرىنى ھەر قانداق ھۇجۇمدىن قوغداشقا تەييارمىز» دېگەن ئىبارىلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە: «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى، شۇنداقلا بۇلغارىيە ۋە رومىنىيە قاتارلىق باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت نىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدۇ» دېيىلدى.

ناتو ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دېڭىز چارلاش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق قارا دېڭىزدىكى رازۋېدكا قىلىش ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ناتونىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر