كىربى: پۇتىن قىيىن ئەھۋالدا
ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە كوردىناتورى جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سېرگېي شويگۇنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى.
2016886
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە كوردىناتورى جون كىربى مۇخبىرنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ئۇ: «پۇتىن مۇداپىئەدە تەمىنلەش ۋە قورال-ياراغ مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئارمىيەسىنىڭ پايدىسىز ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ياردەم قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.